قۇغۇن تېرىش تېخنىكىسى

پەيزاۋات قۇغۇنى

تۇرپان ئۈزۇمى ،غۇلجا ئالمىسى، خۇتەننىڭ ياڭىقى غا ئوخشاش پەيزاۋاتنىڭ داڭلىن يەرلىك ماركىسى بولغان پەيزاۋات قوغۇنىتەمى ئالاھىدە ياخشى بۇلۇپ دۆلەت ئىچى سىرتىغا داڭلىق.

پەيزاۋات شىمىسى

پەيزاۋاتنىڭ ئىككىنچى نۇمۇرلۇق كۇزۇر مەھسۇلاتى بولغان پەيزاۋات شىمىسى يېڭىدىن بەرپا قىلىنغان داڭلىقماركا

پەيزاۋات ئاق ئۈرۈكى

پەيزاۋات ئاق ئۈرۈكى ئالاھىدە تەمى ۋە رەڭگى بىلەن بۇرۇندىن تارتىپ ياخشى بازاغا ئېىرىشىپ كەگەن.

تەبىئى يىمەكلىك ساغلام ھايات

پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن،كىچە كۈندۈز تىمپراتۇر پەرقى چوڭ ،تۇپرىقى قۇغۇن مىۋىلەر گە ماسلاشقان،يەرلىك ئۇغۇتتا ئۇغۇتلىنىپ ،يېڭى تېخنىكا بىرلەشتۈرۈلىپ يىتىشتۈرۈپ چىققان قۇغۇنلار سىزگەسالامەتلىك ۋە ئىسىل تەم ئاتا قىلىدۇ. پەيزاۋات ناھىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ غەربى-جەنۇبىغا جايلاشقان بۇلۇپ ئىقلىمى تروپىك بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق قۇرغان ئىقلىمغا تەۋە،قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن،يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياش نۇرى چۈشۈش ۋاقتى2918.1سائەت يازدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 12 سائەتكە يىتىدۇ، قىشتا ئالتە سائەتتىن ئاشىدۇ،ھۆل يېغىن كەم ،دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1208 مىتىر مۇشۇنداق ئالاھىدە كىلىمات پەيزاۋاق قۇغۇنىنى ئالاھىدە تاتلىق تەمگە ئىگە قىلغان. اۋات ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربى گىۋىكىگە جايلاشقان بۇلۇپ كىچە- كۈندۈز تىمپراتۇر پەرقى 14-20 سىلسىيە گىرادۇسقا بارىدۇ ،بۇ مۇھىت پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قۇغۇن ،شىمى قاتارلىق ئالاھىدە يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قەنت مىقدارى يۇقۇرى ،ئۇزۇقلۇق قىممىتى مول بۇلۇشىنى بەلگىلىگەن. ئەنئەنىۋى ۋە زامانىۋى قۇغۇن تېرىش تېخنىكىسى دىگىنىمىزدە پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ كىلىماتى قۇغۇن تېرىشقا ئالاھىدى ماسلاشقان بولۇپ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە دىھقانلىرىمىز ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا مەھەللىۋى ئۇغۇت ئىشلىتىپ قۇغۇن ئۇغۇتلايدۇ ،زامانىۋى پارنىك تېخنىكىسىدا ماييسا يىتىشتۈرۈپ ئېتىزغا كۈچۈرۈپ قۇغۇننىڭ باشجا جايدەن بىرئاي بۇرۇن پىشىشىغا ئىمكانىيەت ئاتا قىلدى ،سۈت، كۇنجۇر قاتارلىقردىمۇ قۇغۇن بېقىش بۇيا ,يانتاقتا بېقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئالاھىدە بولغان پەيزاۋات قۇغۇنى تەمىنى ۋە ماركىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.